ۋوردپرەس 3.3 ئىنگىلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ ئىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى.
3.3 ئىنگىلىزچە نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى ۋاقتىنچە ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈپ تۇرغايسىلەر.
https://wordpress.org/news/2011/12/sonny/
3.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تۈزىتىلگەن ئورۇنلار خېلى كۆپ. ئاساسلىقلىرىدىن:
- خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل فونتقا توغرىلاندى.
- خەت نۇسخىسى ھۆججىتى ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىلىندى.
- UKIJ Tuz Tom فونتىنىڭ EOT، TTF، SVG ۋە WOFF ھۆججەتلىرى تەمىنلەندى.
- يېڭىدىن قوشۇلغان 270 تىن ئارتۇق سۆز- جۈملە تولۇق تەرجىمە قىلىندى.
- تەرجىمىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
- باشقۇرۇش بېتىدىكى بىر قىسىم رامكىلار سولدىن ئوڭغا توغرىلاندى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئاساسلىق تەرجىمە %94 تاماملانغان ھالەتتە بولۇپ، تەرجىمىنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار
https://translate.wordpress.org/projects/wp/devبېتىگە بېرىپ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.
گەرچە تارقىتىشتىن بۇرۇن قايتا- قايتا سىناپ چىققان بولساقمۇ، بىز بايقىيالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا بۇ نەشرىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پىكىر- تەكلىپلەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ياكى ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى مۇنبىرىدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
ۋوردپرەستە قۇرغان تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىشىغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.